خىتايدا قىزلارنىڭ چەت ئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشى چەكلەندى

بولۇپمۇ چەت ئەل نوپۇسىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇر يېگىتلەر ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاياللىرىنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتە زور توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

508613
خىتايدا قىزلارنىڭ چەت ئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

خىتايدا قىزلارنىڭ چەت ئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشى چەكلەندى.

ساباھ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتايدا 2018 – يىلى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان قانۇنغا كۆرە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي قىزلار چەت ئەللىك يېگىتلەر بىلەن ئۆيلىنەلمەيدىكەن. بىراق خىتاي ئەرلەرنىڭ چەت ئەللىك قىزلار بىلەن ئۆيلىنىشى مەنئىي قىلىنمايدىكەن.

خىتايدا ئاياللارنىڭ نوپۇسى ئازلاپ كەتكەنلىكى ۋە شۇ ۋەجىدىن خىتاي ئەرلەرنىڭ توي قىلالمايۋاتقانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلگەن بۇ قانۇن، ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

بىر گۇرۇپ كىشىلەر بېيجىڭدا ئەدلىيەنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ بۇ قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتايدىن توي قىلغان چەت ئەل نۇپۇسلۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ خىتايدىن قىز ئالغاندىن كېيىن پاسپورت رەسمىىيىتىنى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئېغىر قېيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

بولۇپمۇ چەت ئەل نوپۇسىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇر يېگىتلەر ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاياللىرىنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتە زور توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەمدىلىكتە مەزكۇر قانۇن رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن «ئەجىبا بۇ قانۇن بېيجىڭدا تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانمۇ؟»  دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر