بايدىن يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.

507600
بايدىن يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئىستانبۇل ۋە ماردىننىڭ مىديات ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باش مىنىستىر يىلدىرىمغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىىشىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە قىبرىس مۇزاكىرە باسقۇچى كۈنتەرتىپكە كەلدى، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ باسقۇچنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر