ئىنتېرنېت تارىخىدا ئۈچىنچى چوڭ ئوغرىلىق ۋەقەسى سادىر بولدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن Tumblr دا 65 مىليون ئادەمنىڭ مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى.

505660
ئىنتېرنېت تارىخىدا ئۈچىنچى چوڭ ئوغرىلىق ۋەقەسى سادىر بولدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن Tumblr دا 65 مىليون ئادەمنىڭ مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2013-يىلدا ئىجتىمائىي تور بەتلىرىدىن مىكروبىلوگ تور بېتى Tumblr دا ئىلخەتلىرى ۋە كىشىلىك مەلۇماتلىرى ئوغرىلانغان كىشىلەرنىڭ تۇمبىر مەخپىي نومۇرلىرىنىڭ 150 دوللار بەدىلىگە داركنېتكە سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇمبىر مەسئۇللىرى 12-مايدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ بۇ قىلمىشنىڭ تەپسلاتى ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، قانچە كىشىنىڭ ئىلخەت مەخپىي نومۇرلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى رەت قىلغانىدى.

تۇمبىر ئوغرىلانغان مەخبپىي نومۇرلارنىڭ ئابونېلارنىڭ ئىشلەتكەنلىرى بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئالگورىتماتلىرى تۈرتكىسىدە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىخەتەرلىك نومۇرلىرى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان مەخپىي نومۇرلارنىڭ، خاكېرلار تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىىلشىنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەخمىنەن 65 مىليون ئىلخەت ئادرىسى ئىنتېرنېت «ئەتكەسچىلىرى»نىڭ قولغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىنتېرنېت تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۈچىنچى چوڭ ئوغرىلىق ۋەقەسىدۇر.

ئىلگىرى Linkedin دىن 164 مىليون، Adobe تىن بولسا 152 مىليون كىشىنىڭ كىشىلىك مەلۇماتلىرى ۋە مەخپىي نومۇرلىرى ئوغرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر