خىتاي شىركىتى گېرمانىيەدە ئايرودۇرۇم سېتىۋالماقچى

بۇ ئايرودۇرۇم ئىلگىرى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەتنىڭ يارىدىمى بىلەن كېتىپ بارماقتا ئىدى.

505553
خىتاي شىركىتى گېرمانىيەدە ئايرودۇرۇم سېتىۋالماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان فىرانكفور ھان ئايرودۇرۇمى خىتايغا سېتىپ بېرىلىدىغان بولدى.

سېتىۋىلىش باسقۇچىدا رېنلاند چفالز ئۆلكىسىدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ %82.5 لىك ھەسسىدارلىقىنىڭ شاڭخەي يىچاڭ سودا شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى پىلانلانماقتا.

رىئانئايېر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئوخشاش ئىقتىساد شىركەتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلگەن بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ %17.5 لىك ھەسسىسى ھېسسېن ئۆلكىسىنىڭ قولىدا بولىدۇ.

ئايرودۇرۇمنىڭ تۇلۇق باھاسىنىڭ 10 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى ھەمدە سېتىش ئىشلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ ئايرودۇرۇمنى ئاسىيا بىلەن ياروپا ئوتتۇرىسىدا يولۇچىلارنى يۆتكەش ۋە بولۇپمۇ يېمەك – ئىچمەك ئېكىسپورتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ ئايرودۇرۇم ئىلگىرى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەتنىڭ يارىدىمى بىلەن كېتىپ بارماقتا ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئايرودۇرۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە كۆرە، 2024 – يىلىغىچە فىرانكفور ھان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە سېلىنمىلىرى ئۈچۈن دۆلەت جەمئىي 50 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىدىكەن.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر