فىرانسىيەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئىش تاشلاش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

504390
فىرانسىيەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىرقچىلىققا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.

ئىرقچىلىققا كۈرەش قىلىش جەمئىيەتلىرى ئۈچ يىل ئىلگىرى رادىكال ئوڭچىل «دازلاقلار»تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىلگەن كىلېمېنت مەرىجانى  ئەسلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشلارغا قاتناشقانلار ۋالىيلىق تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەن يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا قارىتا ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى.  

ساقچىلار بوتۇلكا بىلەن تاشلار ئاتقان نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ بىلەن ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئىشلەتتى.  نامايىش ئەسناسىدا پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە تەۋە بىر ئاپتوموبىل دۈم كۆمتۇرۇپ تاشلاندى، نۇرغۇن قاتناش چىراقلىرىغا زىيان سالغان نامايىشچىلار بەزى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنىمۇ چېقىۋەتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئەسناسىدا 4 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر