بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ھوللېۋۇد شۆھرەتلەر يولىدا خاتىرىلەندى

مۇسۇلمان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ھوللېۋۇد شۆھرەتلەر يولىدا ئىخلاسمەنلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەندى.

504270
بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ھوللېۋۇد شۆھرەتلەر يولىدا خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ئەپسانىۋى بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ھوللېۋۇد شۆھرەتلەر يولىدا خاتىرىلەندى.

پاركىنسون كېسەللىكىگە قارشى 33 يىل كۈرەش قىلغان مۇھەممەد ئەلى نەپەس يېتىشمەلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ھوللېۋۇد چولپانلار يولىغا سەلدەك قاراپ ئاقتى.

دۇنيا چىمپىيونى مۇسۇلمان بوكسيور مۇھەممەد ئەلىنىڭ ھوللېۋۇدتىكى تامدىكى فوتو-سۈرىتى ئالدىغا گۈل-چەمبەرەك ۋە بىر جۈپ بوكس پەلىيىى قويغان ئىخلاسمەنلىرى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھوللېۋۇد كوچىسىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈردى.

ھوللېۋۇد شۆھرەتلەر يولىدىكى 2582 چولپان ئارىسىدا پەقەت مۇھەممەد ئەلىنىڭ فۈتو-سۈرىتى يەردىن يۇقىراق يەردە مەشھۇر دولباي كىنوخانىسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان بولۇپ، 2002-يىلدىن بۇيان كۆزگەزمە قىلىنماقتا. ھوللېۋۇد كوچىسىغا فوتو-سۈرىتىنىڭ قويۇلۇشى تەكلىپ قىلىنغاندا، مۇھەممەد ئەلى مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىم پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىدۇر، كىشىلەرنىڭ ئىسمىم ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئۆتۈشىنى قەتئىي خالىمايمەن، مۇھەممەد ئىسمىنى يەرگە يازدۇرمايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر