ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغۇچىلار سانى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىدى
خاتىرجەم ھايات، ياخشى تۇرمۇش ئارزۇسى بىلەن ئۆلۈمگە تەۋەككۇل قىلىپ ياۋروپاغا قاراپ ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغۇچىلار سانى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياخشىراق ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن ياۋروپاغا كېتىشكە تىرىشىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ئۈمىد سەپىرى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە چۈشتى.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قوماندانلىقى خادىملىرىنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزدا ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە قولغا چۈشۈرگەن كۆچمەنلەر سانى ‹كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى› سايىسىدا %87 ئازايدى. ماي ئېيىدا ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغان 1109 كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سان يېقىنقى ئايلاردىن بۇيانقى ئەڭ ئاز كىشى سانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا 18- مارتتا ئىمزالانغان ‹كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى› دىن ئىلگىرى سۈرئىتى ئېشىپ كەتكەن قانۇنسىز كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 20- مارتتىن ئېتىبارەن ئاستىلاشقا باشلىشى دىققەتنى تارتتى.
ئالدىنقى يىللاردا ماي ئېيىدا 5 مىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلەتتى، كېلىشىمنىڭ تەسىرىدە بۇ سان ئۆتكەن ئاي ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.