گېرمانىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرى شىددەتلىك ھۆل - يېغىنغا دۇچ كەلدى

گېرمانىيەدە بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

502606
گېرمانىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرى شىددەتلىك ھۆل - يېغىنغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى، باۋيېرا ئۆلكىسىنىڭ نىئېدېربايېرن رايونىدا ئاپەت سىگنالى بېرىلدى.

ترىفتېرندىكى بىر مەكتەپ بىلەن ئۇنىڭغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ئىككى يەسلىدىكى 250 كە يېقىن بالا قاپسىلىپ قالدى.

ترىفتېرن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ۋالتېر زېچ، شەھەر مەركىزىنىڭ بىر قانچە سائەت ئىچىدە سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خادىملىرىدىن سىرت قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭمۇ توختاۋسىز ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

باۋيېراغا قوشنا كېلىدىغان بادېن – ۋۈرتتېمبېرگ ۋە شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىلىرىدىمۇ ھۆل – يېغىن سەل پەيدا قىلىپ، ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر