ستېفېن خاۋكىڭ: كائىناتنى چۈشەندىم، ئەمما ترامپنىڭ قارشى ئېلىنىشىنى چۈشىنەلمىدىم

دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ستېفېن خاۋكىڭ كائىناتنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، ئەمما، دونالد ترامپنىڭ بۇنچىۋالا قارشى ئېلىنىشىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

501716
ستېفېن خاۋكىڭ: كائىناتنى چۈشەندىم، ئەمما ترامپنىڭ قارشى ئېلىنىشىنى چۈشىنەلمىدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيەلىك فىزىكا ئالىمى ستېفېن خاۋكىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئۇتۇقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «كائىناتنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى چۈشەندىم، لېكىن دونالد ترامپنىڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشىنى چۈشىنەلمىدىم» دېدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان، مېكسىكىلىقلارنى ‹جىنايەت سادىر قىلىشقا مايىل ۋە باسقۇنچى› دەپ ئەيىبلىگەن، مېكسىكا – ئامېرىكا چېگراسىغا تام سېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان دونالد ترامپ، شۇنچە كۆپ بىمەنە سۆزلىرىگە قارىماي ئالدىنقى باسقۇچلۇق سايلاملاردا بىرىنچى بولدى. ئۇنىڭ سۆزسىزلا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دۇنيادىكى بۇ ئەھۋالغا ھەيران قالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ستېفېن خاۋكىڭ، كائىناتنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئالەم بوشلۇقىنى، ئاسمان جىسىملىرىنى ۋە قارا تۆشۈكلەرنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، ئەمما، دونالد ترامپنىڭ بۇنچىلىك قارشى ئېلىنىشىنى پەقەت چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

خاۋكىڭ يەنە، ئىنگلىزلارنى 23 –ئىيۇندا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا ‹ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە قېلىش› ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر