شىمالىي كورېيە ترامپنى ‹سىياسى دانىشمەن› دەپ تەرىپلىدى

شىمالىي كورېيە مېدىياسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى قانات پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى دونالد ترامپنى ‹دانىشمەن سىياسەتچى› دەپ تەرىپلىدى.

501982
شىمالىي كورېيە ترامپنى ‹سىياسى دانىشمەن› دەپ تەرىپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي مېدىيا ئورگىنى DPRK دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ترامپقا ‹يىراقنى كۆرەر پىرېزىدېنت نامزاتى› دەپ باھا بېرىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئىران مودېلى بويىچە ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان دېموكراتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرىدىن ھىلارى كلىنتونغا ‹بىزەڭ› دەپ باھا بېرىلگەن ماقالىدە، «ئامېرىكا پۇقرالىرى پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن ‹بىزەڭ› ھىلارى كلىنتونغا ئەمەس، شىمالىي كورېيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپقا بېلەت تاشلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. ماقالىدە، ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جون ئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن چېكىندۈرۈلۈشىنى تەكلىپ قىلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ماقالىنىڭ رەسمىي مەنبەلەردىن كەلمىسىمۇ، رەسمىي مېدىيا ئارقىلىق پيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر