فەللۇجەدىكى كىچىك بالىلار ئۇرۇشتا قورال - ياراق توشۇشقا سېلىناقتا

فوللۇجەدىكى كىچىك بالىلار خېيىم – خەتەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى

502099
فەللۇجەدىكى كىچىك بالىلار ئۇرۇشتا قورال - ياراق توشۇشقا سېلىناقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم قوندى جەمئىيىتى (UNICEF)، ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن كىچىك بالىلارنىڭ خېيىم – خەتەردە قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم قوندى جەمئىيىتى (UNICEF)نىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پېتېر ھاۋكىنس، شەھەردە يېمەك – ئىچمەك بويۇملىرىنىڭمۇ تۈگەش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى.

فەللۇجەدىكى كىچىك بالىلارغا ئالاقىدار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شەھەردىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھاۋكىنس، «فەللۇجەدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 20 مىڭ كىچىك بالا بار. شەھەردە يېمەك – ئىچمەك بويۇملىرى تۈگەش ئالدىدا تۇرىدۇ. پاكىز سۇ تېپىش قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ئاز ساندىكى ئائىلىلەر فوللۇجەنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. بەزى ئائىلىلەر فەللۇجەدە قۇرۇلغان 2 لاگېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يەنە بىر قىسمى ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا پاناھلانماقتا. ھەددىدىن زىيادە زورۋانلىقلارغا دۇچ كەلگەن بالىلارنىڭ قوغدىنىشى ئەندىشىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. بالىلار ئۇرۇشتا سۇيىئىستېمال قىلىش ئۈچۈن مەجبۇر تارتىۋېلىنماقتا. تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا كىچىك بالىلار ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇشتەك خەۋپكە دۇچار بولماقتا. ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇر تارتىۋېلىنغان بالىلارنىڭ ھاياتى ۋە كەلگۈسى خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا. كىچىك بالىلار ئۇرۇشتا قورال - ياراق توشۇش ئىشلىرىغا سېلىناقتا» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم قوندى جەمئىيىتى (UNICEF) مەسئۇلى ئۆز باياناتىدا يەنە، فەللۇجەدىكى بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن فەللۇجەدىن بىخەتەر ھالدا باشقا جايغا چىقىپ كېتەلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن پۇقرالار ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاش لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر