بېيجىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھاۋا مۇداپىئە ساھەسى ئېلان قىلىدۇ

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھاۋا مۇداپىئە سالاھىيەت رايونى ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

501916
بېيجىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھاۋا مۇداپىئە ساھەسى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە يېقىن كىشىلەرنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھاۋا مۇداپىئە سالاھىيەت رايونى ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ئەسكىرىي مەۋجۇدىيىتى ۋە خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

3 – ئىيۇندا سىنگاپۇردا باشلىنىدىغان سىنگاپۇر – لا دىيالوگ يىغىنى، دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر