ئىدومېنى مۇساپىرلار لاگېرى تاقالدى

گىرېتسىيەنىڭ ماكېدونىيە چېگراسىدىكى ئىدومېنى مۇساپىرلار لاگېرى كۆچمەنلەر باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تاقالدى.

498623
ئىدومېنى مۇساپىرلار لاگېرى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭدىن ئارتۇق گىرېتسىيە ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭمۇ ياردىمۇ ئاستىدا كۆچمەنلەرنى باشقا لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئىدوېمىدىكى 8 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئاپتوبۇسلار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى باشقا لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

گىرېتسىيە جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى نىكوس توسكاس كۆچمەنلەرنى يۆتكەش جەريانىدا كۈچ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ  قىسمىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن لاگېردىن ئايرىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى لاگېرلاردا كۆچمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى شارائىتلار ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.»

يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ئۇدا ئىككى ئايدىن بۇيان  كۆچمەنلەرگە تاقىۋېتىلگەن ماكېدونىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

تاقىۋېتىلگەن ۋە يۈك پويىزلىرىنىڭلا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان تۆمۈر يولى ئىدومېدىكى لاگېرنىڭ بوشىتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىۋاتاتتى.

بالقان كارىدورىنىڭ مارت ئېيىدا تاقىلىشىدىن كېيىن، 50 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن گىرېتسىيەدە قاپسىلىپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر