ئامېرىكا:كۈرتلەرنىڭ ئاپتونوم رايون تەلىپىنى قوللىمايمىز

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، سۈرىيەدە كۈرتلەر ئۈچۈن يېرىم ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇشىنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

496449
ئامېرىكا:كۈرتلەرنىڭ ئاپتونوم رايون تەلىپىنى قوللىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، سۈرىيەدە كۈرتلەر ئۈچۈن يېرىم ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇشىنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا مەركەز قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال جوسېف ۋوتېلنىڭ ھەپتە ئاخىرى سۈرىيەگە قىلغان زىيارىتى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تونېر ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۈرتلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەندىشىلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىز. كۈرتلەر ئۈچۈن ئاپتونوم رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيەمىزنى تۈركىيەگە بىلدۈردۇق. كۈرتلەر دائېش چېكىنىپ چىققان رايونلارنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك، بۇ رايونلار يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قالدۇرۇلۇپ، يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.»

مارك تونېر ئامېرىكىلىق مەسئۇللارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د  بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولۇشلىرىنىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇزاكىرىلەر كۈرتلەر بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، قانداق قىينچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى قول مەنبەدىن ئۆگەنگىمىز بار. بىراق بۇ مۇزاكىرىلەر قانداقتۇر ئۇلارنىڭ ئاپتونوم تەلەپلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر