سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران ھاجىملىرىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىرانلىق ھاجىملارنى ھەج ئىبادىتىنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن خەۋەرلەرگە قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

496848
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران ھاجىملىرىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەگە جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئىرانلىق ھاجىملار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مۇئامىلىلىرىگە ئادالەت ھەمدە ئىنساپ بىلەن قارىغان كىشىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق ھاجىمنىڭ ھەج ئىبادىتىنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ھەممە دۆلەتلەر بىرلىككە كەلگەن ھەج ئىبادىتىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە – پىرىنسىپلار دائىرەسىدە، دۇنيانىڭ قەيىرىدىن كەلگەن بولسا بولسۇن ھاجىملارنى ئىرقى ۋە مەزھىپىگە قارىماستىن مۇقەددەس جايلاردا قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرى ھەمدە بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئەلسۇئۇد دەۋرىدىن بۇيان ھەممە كىشى تەرىپىدىن ناھايىتى ئېنىق بىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر يىلى ھاجىملارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە، ھەتتا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان دۆلەتلەردىكى ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلەرگە تەكلىپ ئەۋەتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ دۆلەتلەر سانىنىڭ 78 دىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىرانلىق ھاجىملار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئىران ھەج ھەيئىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن، بىراق ئىران ھەيئىتى قايتا – قايتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار ۋە مۇزاكىرەلەردە، 2016 - يىللىق ھەج كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى رەت قىلغان. ئىران ھەج ھەيئىتى بۇنىڭغا، كېلىشىمنىڭ ئىراندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇۋالغان.»       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر