ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى بەلگىلەش ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن پىرېزىدېنت نامزاتىنى بەلگىلەيدىغان تەييارلىق سايلاملىرى داۋام قىلماقتا.

488772
ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى بەلگىلەش ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئىككى ئشتاتتا تەييارلىق سايلام رىقابەتلىرى ناھايىتى كەسكىن بولدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار غەربىي ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا سايلام ئۆتكۈزدى. نېبراسكادا بولسا، پەقەت جۇمھۇرىيەتچىلەرلا سايلام ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات نامزاتى بولغان دونالد تىرامپ غەربىي ۋىرجىنىيەدە %76 ئاۋازغا، نېبراسكادا بولسا، %61 ئاۋازغا ئېرىشتى. دونالد تىرامپنىڭ ۋەكىل سانى 1119 غا يەتتى. ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى ئۈچۈن يەنە 120 ۋەكىلگە ئېھتىياجى بار.

دېموكراتلارنىڭ نامزات نامزاتى بۆرنى ساندېرس غەربىي ۋىرجىنيەدە %51 ئاۋازغا ئېرىشىپ، رەقىبى ھىلارى كلىنتوننى ئارقىدا قالدۇردى. ھىلارى كلىنتون گەرچە غەربىي ۋىرجىيەدىكى سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ۋەكىل سانى جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا. ئۇ جەمئىي 2235 ۋەكىلگە ئىگە بولدى، رەقىبى ساندېرسنىڭ ۋەكىل سانى 464 تە قالدى.

ھىلارى كلىنتوننىڭ دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى ئۈچۈن 50 ۋەكىلگە ئېھتىياجى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر