چېرنوبىل پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەنمەكتە

يۈز بەرگىنىگە 30 يىل بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يادرو پالاكىتى ھېسابلىنىدىغان چېرنوبىل پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەنمەكتە.

478541
چېرنوبىل پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  1986 – يىلى 26 – ئاپرېل كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ ئەتراپىدىكى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ پالاكىتى يۈز بەردى. رېئاكتورلاردا مەيدانغا كەلگەن قازا نەتىجىسىدە ئاتموسفېرغا كۆپ  مىقداردا رادىياتسىيە تارقىلىپ كەتتى.

خىروشىما ئارىلىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىدىن 400 ھەسسە چوڭ بولغان رادىياتسىيە ھاۋاغا ئارىلىشىپ، رايون دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپاغا يېتىپ باردى. پاجىئە يۈز بەرگەندە قازا قىلغانلاردىن سىرت يەنە، يۈز مىڭلارچە ئىنسان رادىياسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. پاجىئەنىڭ مۇھىتقا يەتكۈزگەن زىيىنى نەتىجىسىدە 600 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. داۋاملىق خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق رادىياتسىيە تارقىتىش خەۋپى داۋاملىشىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى 2065 – يىلغىچە تامامەن تاقاش پىلانلانماقتا. چېرنوبىل پاجىئەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىرسىيەت كېسەللىكىنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقىچە داۋاملىشىشى تەخمىن قىلىنماقتا. پاجىئەدىن بۇرۇن ئىشچى ئائىلىلىكلەر ياشايدىغان پرىپيات شەھىرى بولسا ئاللىقاچان خاراكتېرلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ساياھەتچىلەرنىڭ جەزبىدارلىق ماكانى بولۇپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر