«ياۋروپا تۈركىيەنىڭ كەينىدا قېلىۋاتىدۇ»

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت مەجلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارغا ياردم قىلىشتا تۈركىيەچىلىك بولالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

475515
«ياۋروپا تۈركىيەنىڭ كەينىدا قېلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مۇساپىرلارغا يادەم قىلىشتا تۈركىيەنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان مۇساپىرلار كېلىشىمى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

مۇساپىرلار، كۆچمەنلەر ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۈچ پارچە دوكلات ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ماقۇللاندى.

دوكلاتچى ۋە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېتت گىروس سۆز قىلىپ تۈركىيە، ئىئوردانىيە ۋە لىۋاننىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار ئۈچۈن قىلغانلىرى ياۋروپانى خىجىل قېلىۋاتىدۇ. مۇساپىرلار كىرزىسىدە ياۋروپانىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىپادىسى ياخشى بولمىدى.»

«تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە مۇساپىرلار بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى»تېمىلىق دوكلاتنى تەييارلىغان گوللاندىيەلىك دوكلاتچى تىنېك سىترىك 22 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بېرىلگەن بولسىمۇ، پەقەت 4000 مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىق يوق، بېرىلگەن ۋەدىلەر ئورۇندالمايۋاتىدۇ.»

سوتسىيالىست گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئاۋستىرالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان سىچېنناچمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلاردىن ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ياۋروپا مەغلۇپ بولدى. سۈرىيەدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ %10مۇ كېلەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا، ياۋروپا دۆلەتلىرى كەلگەنلەرگىمۇ ياخشى ساھىبخانلىق قىلىۋالمايۋاتىدۇ.»

شىۋېتسارىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى دورىس فىيلا بولسا «تۈركىيەچىلىك بولالمىدۇق، تۈركىيەدە مۇساپىرلار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقتى. تۈركىيەنى بۇ يەردە تۇرۇپ تەنقىد قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ھېچقانچىلىك ئىش قىلالمىدى»دېيىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى تەنقىد قىلدى.

تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىيلا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، بۈيۈك ياۋروپادا مۇساپىرلار يۈكىنى يىنىكلىتىشتە ئازراقمۇ نەتىجە قازىنالمىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر