ئامېرىكا-مىسىر چېگرىسىدا تونلارچە زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشتى

ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدا ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بىر تونېلدىن تونلارچە زەھەرلىك چېكىملىك تېپىلدى.

475525
ئامېرىكا-مىسىر چېگرىسىدا تونلارچە زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدا ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان بىر تۇنېل تېپىلدى.

كالىفورنىيە چېگرىسىدىكى بۇ تۇنېلدا تونلارچە زەھەرلىك چېكىملىك مۇسادىرە قىلىندى.

يەر ئاستىنىڭ تەخمىنەن 14 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى تۇنېل تەخمىنەن 795 مېتىر ئۇزۇنلۇققا ئىگە.

ۋەقەگە چېتىشلىق 6 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 2006-يىلدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىدا ئىشلىتىلگەن 12 تۇنېل تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر