باشىكاغا ھۇجۇم قىلغان 32 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باشىكا رايونىغا جايلاشقان گېدۇ ھەربىي بازىسىدىن 4 – 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈركىيە قىسىملىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رايونغا تۈنۈگۈن دائېشچىلار تانكىغا قارشى قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

474415
باشىكاغا ھۇجۇم قىلغان 32 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا تانكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئوق ئۆتكۈزمەيدىغان سىستېما سايىسىدا تانكا بىلەن ئىچىدىكى كاپىتان زىيانغا ئۇچرىمىدى. ھۇجۇمدىن كېيىن تانكا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، بومبا ئېتىلغان رايوندىكى تېررورىستلار تۇرۇۋاتقان بىناغا قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، 10 دائېشچىنى يوقاتتى. بىنا ۋە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم دائېشچىلار 7 ئاپتوموبىل ۋە 4 موتسىكىلىت بىلەن قېچىشقا ئۇرۇندى، تانكىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 5 ئاپتوموبىل بىلەن 3 موتسىكىلىت پاچاقلاپ تاشلاندى. رايوندىكى دائېش نىشانلىرىغىمۇ ئەجەللىك زەربە بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر