خارابىلىكلەر ئارىسىدىكى بالىلار
سۈرىيەدە خارابىلىكلەر ئارىسىدا ئويناۋاتقان بالىلار.
470078
![خارابىلىكلەر ئارىسىدىكى بالىلار](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f77b/ddee/657c/570dfd7ed813d.jpg?time=1719158787)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش تۈرلۈك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشماقتا. بومباردىمانلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى ئەڭ كۆپ بالىلارغا يارىدى. پايتەخت دەمەشقتىكى جۇبار رايونىدا بالىلار خارابىلىكلەر ئارىسىدا بالۇنلارنى ئۇچۇرتۇپ ئوينىماقتا. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان رۇسىيەنىڭ ھەلەبكە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت بومباردىمانلارنىڭ قايتىدىن پۇقرالارنى نىشان قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719158787)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.