ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش پىلانى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھەپتە ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلىدىغان ياردو بىخەتەرلىكى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا دۇنيا لىدېرلىرى بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

460097
ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئوبامانىڭ 31 – مارتتىن 1 – ئافرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا چاقىرىلىدىغان ياردو بىخەتەرلىكى يىغىنى جەريانىدا دۇنيا لىدېرلىرى بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن دۇنيا لىدېرلىرى ياردو بىخەتەرلىكى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگىتوندا زىيارەتتە بولىدۇ، پىرېزىدېنت باراك ئوباما بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يوقىتىش پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا. ئۇچرىشىشتا دائېشنىڭ يادرو ئىقتىدارىدىنمۇ كۆرە بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئوبامانىڭ ياردو بىخەتەرلىكى يىغىنى دائىرىسىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ۋە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پاك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇچرىشىشتا شىمالىي كورېيەنىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان تەھدىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى قوغداش يولىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر