ئوبامانى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

459839
ئوبامانى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغان كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغان بىر كىشى، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

مادىسون شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتا 55 ياشلىق بىرايىن داچىر ھەم ئېغىزاكى ھاقارەتلەر ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن Facebook دا تارقاتقان ئۇچۇرلىرى سەۋەبىدىن ئىككى قېتىم «پىرىزېدېنتى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىش»بىلەن ئەيىبلەندى.

دۇتچېر فېدراتىپ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2013-يىلدىمۇ فىلورىدا ئىشتاتىدا بىر كىشى Facebook تىن ئوبامانى «ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىش»بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر