بېلگىيە تېررورچىلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتىدۇ

دائېشنىڭ بىريۇسسېلدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى بېلگىيەنى زىلزىلىگە سالغان بولۇشىغا قارىماي بېلگىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەلەپ قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەەۋايتىدۇ.

458590
بېلگىيە تېررورچىلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرماسلىقى، بېلگىيەنىڭ ئىرقىۋازلىق سىياسىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. تۈركىيە سابانجى سۈيىقەستى جىنايەتچىسى فەخرىيە ئەردال ۋە پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىشلىرى مەسئۇلى زۇبەير ئايدار قاتارلىق 30 غا يېقىن تېررورچىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن بېلگىيە بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىمىدى. ھەتتا 20 تېررورچى ھەققىدىكى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر