ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربى، تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

455637
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار
abd-türkiye terör.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربى، ئۆز چېگرا تەۋەلىكىدە تېررورىزم خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كېربى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈركىيە يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇملارغا دائىر بىر سوئالغا، «ئۆز چېگرا تەۋەلىكىدە ھەقىقىي بىر تېررورلۇق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار» دەپ جاۋاب بەردى.

دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن كېربى، تۈركىيەنىڭ 2 مىليون 700 مىڭ سۈرىيەلىككە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھالدا، «شۇبھىسىزكى بۇلار كونكېرت ئامىللار ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇۋاتقان ئىشلاردۇر. بىزمۇ تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بىرلەشمىگە قىلغان ياردىمىدىن مىننەتدارمىز. ئاخىرقى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنمۇ بۇ ياردەملەردە بىرەر ئۆزگىرىش يوق» دېدى.

كېربى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدىكى «زۆرۈر تېپىلغاندا، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇداخىلە قىلىمىز» دېگەن باياناتىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋابەن، «رۇس تەرىپىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

جون كېربى سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ بۇ ھەپتە موسكۋاغا بارىدىغانلىقى ئەسلىتىلگەندىن كېيىن، كېربى كۈنتەرتىپە سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە ‹ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى› غا دائىر خەۋەرلەر ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا جەڭچى قىسىملىرىنىڭ يوقلۇقىنى، مەۋجۇت ئەسكەرلەرنىڭ «تەۋسىيە ۋە ئارقا سەپ كۈچى» سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى، قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناچى جون كېربى، دۆلىتىنىڭ مىسىردا مەيدانغا كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر