دونالد تۇسك تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك، تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى.

452792
دونالد تۇسك تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى
donald tusk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك، تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزۈش يولىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، قىلىنىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تۇسك بۈگۈن ۋە ئەتە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە يوللىغان تەكلىپ مەكتۇپىدا يەنە نۇقتىلىق ھالدا مۇساپىرلارنىڭ كىرىزىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، 7 – مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئەنقەرەنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلىدىغان يېڭى بىر تەكلىپنى سۇنغانلىقىنى، لېكىن ۋاقىتنىڭ تارلىقى يۈزىسىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنى يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىمىزدىكى بىر قاتار پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى نۇقتا قىلغان ھالدا تەييارلىق قىلىشقا تەيىنلىدىڭلار. مۇددىئا ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، 28 ئەزا دۆلەت بىلەن بىرلىكتە تۈرك شېرىكلىرىمىزمۇ قوبۇل قىلالايدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈپ چىقىش. بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولسىمۇ، يەنە قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىش بار.»

دونالد تۇسك، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئورتاق باياناتىنىڭ سىناق نۇسخىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە يوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ئوتتۇرىغا چىققۇسى كېلىشىمنىڭ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا تەييارلىق قىلىش دائىرىسىدە جەنۇبىي قىبرىس رۇم داىئىرى ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن تۇسك، «مېنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك قانائىتىم شۇكى، مۇساپىرلار كىرىزىسىدىن ھالقىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن جانلاندۇلۇشى مەقسىتىدە مۇساپىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى ئۈچۈن بىر يول تېپىشىمىز كېرەك. بۇ مۇساپە ئەينى ۋاقىتتا قىبرىس مۇزاكىرىلىرىنى قوللاش ئۈچۈنمۇ ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر