ئامېرىكىدا پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرىنىڭ رىقابىتى قىزىپ كەتتى

ئامېرىكىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنت رىقابىتى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.

449685
ئامېرىكىدا پىرېزىدېنت نامزات نامزاتلىرىنىڭ رىقابىتى قىزىپ كەتتى
marco rubio.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ نامزات نامزاتلىرى بۇ قېتىم پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئەڭ كۆپ ۋەكىلنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشتى؛ فىلورىدا ۋالىيسى ماركو رۇبىيو بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن رىقابەتتە، باياناتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان دونالد ترامپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى دېموكرات پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەشكىل قىلىدىغان ۋاشىنگتوندىكى جۇمھۇرىيەتچى سايلىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى پەقەت %6 ئەتراپىدا ئىكەن.

فىلورىدا ۋالىيسى ماركو رۇبىيو 10 ۋەكىل، ئوخىئو ۋالىيسى جون كېسىچ بولسا، 9 ۋەكىلگە ئېرىشتى. يېقىندىن بۇيان ئىرقچى مەزمۇندىكى سۆزلىرى بىلەن كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان دونالد ترامپ ۋاشىنگتوندىن قۇرۇق قول قايتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يەنە بىر رىقابەت مەيدانى بولغان ۋايومىڭدا تېكساس پالاتا ئەزاسى تېد كۇرۇز %66.3 ئاۋازغا ئېرىشىپ تراپمنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. تېد كۇرۇزنىڭ ئەڭ يېقىن رەقىبى رۇبىيو %19.5 ئاۋازغا ئېرىشەلىدى. ترامپ بۇ يەردىمۇ ئاران %7.2 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولدى.

بۇ نەتىجىگە ئاساسەن، كۇرۇز 9، رۇبىيو بىلەن ترامپ بىردىن ۋەكىل قولغا كەلتۈرگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر