خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ زىيارىتى دىققەت قوزغىدى
خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەنقەرە شەھەر باشلىقىنى زىيارەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ باشچىلىقىدىكى كارخانىچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت 4- مارت كۈنى ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەلىھ گۆكچەكنى زىيارەت قىلغان. زىيارتتە يۈ خوڭياڭ خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەنقەرەنىڭ كەلگۈسى يىللاردىكى قۇرۇلۇش پىلانلىرى ۋە بۇ ھەقتە قانداق تۆھپە قوشالايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگىلەش مەقسىتىدە مەلىھ گۆكچەكنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان، خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ سودا، مەبلەغ ، ھەرىكەت دائىرىسى، پىلانى قاتارلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. گۆكچەك مەلۇم ساھەلەردە خىتاي كارخانىچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە تەكلىپلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي باش ئەلچىسى زىيارەتتىن كېيىن ئەنقەرە شەھەر باشلىقىغا خىتايچە تەشتەك سوۋغا قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ زىيارەت كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.