كۆچمەنلەرنىڭ بالقانلاردىكى ياۋروپا يولى پۈتۈنلەي تاقىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت تۈركىيەدىن يولغا چىقىۋاتقان كۆچمەنلەر گىرېتسىيە ئارقىلىق ئۆتۈشتە پايدىلىنىۋاتقان بالقان يولىنى تاقاش ھەققىدە قارار چىقاردى.

446267
كۆچمەنلەرنىڭ بالقانلاردىكى ياۋروپا يولى پۈتۈنلەي تاقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆچمەنلەر دولقۇنىنى توختتىش ئۈچۈن رادىكا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ياۋروپالىقلار، قانۇنسىز يوللار بىلەن كۆچمەن بولۇشقا رۇخسەت قىلىشنى خالىمايدىكەن.

بالقان يولىنى تاقاش ھەققىدە تەييارلانغان خىتابنامە، بىريۇسسېلدىكى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. نام – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا چېگرالىرى ئىچىدە «قالايمىقانچىلىق ۋە يىرىكچىلىكلەر» گە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بالقان يولى تاقىلىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى قىيىنچىلىق كۈنلەردە گىرېتسىيەگە ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىدۇ» دېيىلىدى. گىرېتسىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە، 130 مىڭ كۆچمەن بار دۆلەتكە يېتەرلىك دەرىجىدە ماددىي ياردەم قىلىش پىلان قىلىنماقتا.

خىتابنامىدە يەنە، شەنگەن رايونىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە قايتىدىن تەسىس قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بالقان يولى ئۈستىدىكى دۆلەتلەر خېلى بۇرۇنلا كۆچمەنلەرنىڭ ئۆتۈشىنى چەكلەشنى باشلىغان ئىدى. ماكېدونىيە گىرېتسىيەدىن كەلگەن ناھايىتى ئاز ساندىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت بەرگەن بولۇپ، بۇ گىرېتسىيە چېگراسىدا كۆچمەنلەرنىڭ توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ماكېدونىيە – گىرېتسىيە ئارىسىدىكى ئىدومېنى چېگرا ئېغىزىدا بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر يۈز بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر