سۇدان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تۇرابى ئالەمدىن ئۆتتى

سۇدان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبىرى دەپ قارىلىۋاتقان ھەسەن ئەتتۇرابى ئالەمدىن ئۆتتى.

445379
سۇدان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تۇرابى ئالەمدىن ئۆتتى
sudan turabi öldü.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، تۇرابىنىڭ پايتەخت خارتۇمدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ مەركەزلىك كۆزىتىش بۆلۈمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
سۇدان تېلېۋىزىيەسى نورمال تارقىتىشلىرىنى توختىتىپ، ماتەم پىروگراممىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

ھەسەن ئەتتۇرابى 1989- يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆمەر ئەلبەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللىغان بولۇپ، سۇداندا مەيدانغا كەلگەن «ئىسلامىي ئىنقىلاب» نىڭ پىلانلىغۇچىسى، دەپ سۈپەتلەنگەنىدى.

1999- يىلىغىچە سۇدان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۇرابى، كېيىنچە پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر بىلەن يوللىرىنى ئايرىپ، سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىققانىدى.

ئۆمەر ئەلبەشىرگە قارشى ئۆكتىچى سەپتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغان تۇرابى، ئاخىرقى قېتىم 2011- يىلى دۆلەت مىقياسىدا تىنچسىزلىق پەيدا قىلغانلىقى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قوللىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر