ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يەنە بىر مەسىلىدە كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنسىتىر جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بەزى مەسىلىلەردە كېلىشتى.

436685
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يەنە بىر مەسىلىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئالاقە ئورنىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تېلېفوندا سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەربىي ئالاقە ئورنىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشكەن بولسىمۇ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قايسى شەرتلەر ئاستىدا ھاسىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

كۆرۈشۈشتە جون كېررىي رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئاق قارىنى پەرق قىلماستىن ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كېررىي بۇرۇنراق تەرەپلەرنىڭ كېلىشىپ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر