بوكو ھارامنىڭ چاڭگىلىدىن 350 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى

نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارامنىڭ چاڭگىلىدىن 350كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

434412
بوكو ھارامنىڭ چاڭگىلىدىن 350 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، بوكو ھارام مىلىتانلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 350 كىشى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى سانى ئوسمان، بورنو ۋىلايىتىدە بوكو ھارام مىلىتانلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان مافا بىلەن دىكۋا رايونلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، كامېرۇندا ئېلىپ قېچىلغان 5 قىز بولۇپ جەمئىي 350 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي ھەرىكەتتە 5 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 2 تېررورچىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان ئوسمان، بىر AK-47 تىپلىق كالاشىنكوۋ قورال، 10 موتسىكلىت ۋە بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بورنودا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بوكو ھارامنىڭ چاڭگىلىدىن 436 كىشى قۇتقۇزۇلغاندىن سىرت، 31 تەشكىلات ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر