ئەنگلىيە ھالقىلىق قارار بېرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى ساقلاپ قېلىش قالماسلىق توغرىسىدا رېفېراندۇم ئۆتكۈزىدۇ.

433616
ئەنگلىيە ھالقىلىق قارار بېرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل ئىيۇندا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق ئەزاسى بولۇپ بولماسلىققا قارار بېرىدۇ.

رېفېراندۇم ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دېيۋىد كامېرۇن فىرانسىيە پىرىزېدېنتى فىرانسۇا ئولاند بىلەن پارىژدا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئەزالىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەييارلاپ چىققان تەكلىپ لايىھە بار ئىدى. كامېرۇن بىلەن ئولاند مەزكۇر تەكلىپ لايىھەنىڭ پىرىنسىپاللىق تەرىپىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

ئىككى رەھبەر سۆھبەتلەرنىڭ تەكلىپ لايىھەنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆتكۈزۈلۈش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

ئەنگلىيەنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا تەييارلانغان مەزكۇر تەكلىپ لايىھە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالىدۇ. مەزكۇر تەكلىپ لايىھە بۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر