سۈرىيە يىغىنىدىن ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقتى

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە يىغىنىدا «ئۇرۇش توختىتىش» قارار قىلىندى، رەھبەرلەر قارارغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

431376
سۈرىيە يىغىنىدىن ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە، سۈرىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە تەرەپلەرنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، دائېش بىلەن ئەل نۇسرا قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن، زور قىيىنچىلىقتىكى رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يەتكۈزۈش پىلان قىلىندى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ئورتاق نىشاننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ دائىرىدە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋولتېر ستېينمىيېر سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ ھەربىي تەدبىرلەر بىلەن قۇرۇلالمايدىغانلىقىنى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە تېپىلمىسا، سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق ۋە ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فرېدىكا موغېرنى 2015 – يىلى دېكابىر ئېيىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېلىنغان قارارنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مۇرەسسەگە كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر تەشكىللىگەن مۇزاكىرە ئالىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىلىرىدىن بىرى بولغان سالىم ئەلمۇسلەت: «بىز سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەت كۈتۈۋاتىمىز، بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر