لاھېيدە تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقى سوتلاندى

پىل چىشى قىرغىقىنىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى لائۇرېنت گباگبو خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلاندى.

425519
لاھېيدە تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقى سوتلاندى
Fildişi Sahili eski lideri Gbagbo
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولدى.
70 ياشلىق گباگبو 2010 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، پىل چىشى قىرغىقىدا يۈز بەرگەن ۋە 3 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.
2010 – يىلقى سايلامدا رەقىبى ئالاسسانې ئوتتاراغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلغان گباگبو مەنسەپتىن ئايرىلماي قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
گباگبو فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا پىرېزىدېنت ئوتتاراغا قاراشلىق كۈچلەر تەرىپىدىن 2011 – يىلى قولغا ئېلىنىپ، لاھېيدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنىدى. لاھېيدە سوتلىنىۋاتقان گباگبو ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر