دانىيەدە كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار غەلىتە قانۇن تەستىقتىن ئۆتتى

بۇ قانۇن بىلەن تەڭ، پاناھلانغۇچىلارنىڭ 10 مىڭ كىروندىن (4400 لىرا)دىن ئارتۇق نەخ پۇلى ۋە جەمئىي قىممىتى 10 مىڭ كىروندىن (4400 لىرا)دىن ئاشىدىغان زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىمۇ مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

425080
دانىيەدە كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار غەلىتە قانۇن تەستىقتىن ئۆتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە پارلامېنتى پاناھلانغۇچىلارنىڭ زىبۇ – زىننەت بويۇملىرى ۋە پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە ئائىلىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن سۇنىلىدىغان ئىلتىماس مۇددىتىنى 3 يىلغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەركىزىي ئوڭچىلار دانىيە لېبېرال پارتىيەسى (ۋېنستىرە) تەرىپىدىن تەييارلانغان قانۇن تەكلىپىنى كۆچمەنلەر ياكى چەت ئەللىكلەرگە قارشى سىياسەت يولغا قويۇۋاتقان دانىيە خەلق پارتىيەسى (د د پ) مۇ قوللاپ -قۇۋۋەتلىدى.
بۇ قانۇن بىلەن تەڭ، پاناھلانغۇچىلارنىڭ 10 مىڭ كىروندىن (4400 لىرا)دىن ئارتۇق نەخ پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. جەمئىي قىممىتى 10 مىڭ كىروندىن (4400 لىرا)دىن ئاشىدىغان زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىمۇ مۇسادىرە قىلىنىدۇ. تويلۇق ياكى چاي ئىچكۈرۈش ئۈزۈكلىرىگە ئوخشاش مەنىۋى قىممىتى بولغان زىبۇ – زىنەت بۇيۇملىرى قانۇن دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. پاناھلانغۇچىلارنىڭ سومكىلىرى تەكشۈرۈلۈپ، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى تالاشتۇرۇپ سېتىلىدۇ.
مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملارنى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن كىرىملار پاناھلانغۇچىلارنىڭ ياتاق، مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
پاناھلانغۇچىلار يېنىدا زادى قانچىلىق پۇلى بارلىقىنى بايان قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ساقچىلارغا پاناھلىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ ئۈستى - بېشى ۋە سومكىلىرىنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىدۇ.
بۇ قانۇن فېۋرالدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.
دانىيە ھۆكۈمىتى پاناھلانغۇچىلارنىڭ دانىيەدە تۇرۇش جەريانىدىكى چېقىملىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ قانۇننىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر