ناتو: رۇسىيە سۈرىيەدە دائېشتىنمۇ كۆرە ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ تېز قارار ئېلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

424153
ناتو: رۇسىيە سۈرىيەدە دائېشتىنمۇ كۆرە ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ
nato rusya deaş

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، قارار چىقىرىش مېخانىزمىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيەلەر باش قوماندانى ئامېرىكىلىق گېنېرال فىلىپ برېدلېۋ: «كۈچىمىزنى داۋاملىق قىيىن ئۆتكەللەردىن تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتەلەيدىغان شارائىت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز» دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى پېتىر پاۋېل، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىنمۇ كۆرە ئۆكتىچى كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر