دائېش مىيىپ بوۋاقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكە پەتىۋا بەردى

موسۇل ئەيا، بۇ بۇيرۇق بىلەن سۈرىيەدە ۋە ئىراقتا ئۆلتۈرۈلگەن مىيىپ بۇۋاقلار سانىنىڭ 38 گە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

410685
دائېش مىيىپ بوۋاقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكە پەتىۋا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش بوۋاقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكە پەتىۋا بەردى.
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە دائېشنىڭ يېڭى تۇغۇلغان مېيىپ بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەتىۋا ئېلان قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىراقلىق پائالىيەتچىلەر گۇرۇپپىسىدىن موسۇل ئەيانىڭ بىلدۈرىشىچە، شەرىئەت مەھكىسىمىنىڭ قازىسى دائېش ئەزالىرىغا دەلدۈش كېسىلى قاتارلىق ھەر تۈردىكى مېيىپ كېسەللىكلەر بىلەن تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
موسۇل ئەيا ئەڭ كۆپ 3 ئايلىق بولغان باۋاقلارنىڭ زەھەرلىك ھوكۇل بىلەن ياكى بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، «دائېش ئاياللار ۋە ياشانغانلاردىن كېيىن ئەمدىلىكتە بۇۋاقلارنىمۇ ئۆلتۈرمەكتە» دېدى.
موسۇل ئەيا بۇ بۇيرۇق بىلەن سۈرىيەدە ۋە ئىراقتا ئۆلتۈرۈلگەن مىيىپ بۇۋاقلار سانىنىڭ 38 گە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر