34 ئىسلام دۆلىتى بىرلەشمە قوشۇن قۇردى

34 ئىسلام دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بىرلەشمە قوشۇن تەشكىل قىلدى.

409380
34 ئىسلام دۆلىتى بىرلەشمە قوشۇن قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى « SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزم ۋە قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 ئىسلام دۆلىتى بىرلەشمە قوشۇن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە ئىكەن:
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان، بەھرەين، باڭلادېش، بېنىن، تۈركىيە، چاد، توگو، تۇنىس، جىبۇتى، سېنېگال، سۇدان، سېررالىئون، سومالى، گابون، گۋىنىيە، كومورو ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، قاتار، پىل چىشى قىرغىقى، كۇۋەيت، لىۋان، لىۋىيە، مالدىۋى جۇمھۇرىيىتى، مالى، مالايشىيا، مىسىر، ماراكەش، ماۋرىتانىيە، نىگېر، نىگېرىيە ۋە يەمەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرلەشمە قوشۇن، شەكلى، مەزھىپى ۋە ئىسمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەر يۈزىدە پىتنە - پاسات چىقىرىۋاتقان، ئىنسانلارنى قورقۇتۇۋاتقان ۋە ئۆلتۈرۈۋاتقان قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن كېرەكلىك پىروگراممىلار ۋە مېخانىزملارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر