مىسىر گېرمانىيەدىن سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى

مىسىر دېڭىز ئارميەسىنىڭ قوماندانى ئۇسامە رابى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە مۇراسىم بىلەن سۇ ئاستى پاراخوتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

406358
مىسىر گېرمانىيەدىن سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېرمانىيەدە ياسالغان تۆت دانە سۇ ئاستى پاراخوتىنى ھامبۇرگدا مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، مىسىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئۇسامە رابى، مىسىرنىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىىسى بەدىر ئالبدۇلاتى ۋە ھامبۇرگدىكى كونسۇلى ئەھمەت ئىززەد قاتناشقان.
مىسىر ھۆكۈمىتى 25 – يانۋر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 2012 – يىلى گېرمانىيەدىن تۆت دانە سۇ ئاستى پاراخوت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.
مىسىر دېڭىز ئارمىيەسى بۇ تۆت سۇ ئاستى پاراخوت بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىئاراملىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىسىرائىلىيەنىڭ «يېدىيوت ئاھرىنوس گېزىتى» مۇ گېرمانىيەنىڭ مىسىرغا سۇ ئاستى پاراخوت سېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلىش مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. «ئىسىرائىلىيە ئاۋازى رادىيوسى» مۇ گېرمانىيە كېلىشىمنى بىكار قىلمىغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىراگېدىيەلىك ھالغا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلەىرى سۈرگەن ئىدى.
بىراق، گېرمانىيە سۇئاستى پاراخوتلارنى مىسىرغا تاپشۇرۇشنى باشلىدى. مىسىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئۇسامە رابى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، گېرمانىيەدىن تۆت دانە سۇ ئاستى پاراخوتى، فىرانسىيەدىن تۆت كېمە تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقلىرىنى ۋە تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 2016 – يىلى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر