ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىزا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ۋىزىسىز ساياھەت قانۇنىغا ئالاھىدە ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدى.

404680
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىزا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزىسىز ساياھەت پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە دائىر قانۇن تەكلىپى ئاۋام پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى؛ قانۇن تەكلىپىگە 407 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ، 19 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

يېڭى قانۇن ئېلېكترونلۇق پاسپورت ئىشلىتىش، ۋىزىسىز ساياھەت ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكىغا كېلىدىغانلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مايىل ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش، جىنايى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەرقانداق بىر ئالاقىسىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدا چوڭقۇرلاپ ئۇچۇر توپلاش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن قوش گىراژدانلىق سالاھىيىتىگە كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ 38 دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى 90 كۈندىن كۆپ بولمىغان ساياھەتلىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ 13- نويابىردا پارىژدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن پەيدا بولغان ‹بىرەر تېررورلۇق ھۇجۇمى› نىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئەندىشىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر