مۇھىت مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە خىتاينىڭ بېشىنى سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان مۇھىت بۇلغىنىشى قاتتىق ئاغرىتىشقا باشلىدى.

404713
مۇھىت مەسىلىسى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. بۇنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلدى، زاۋۇت ۋە بەزى ئىش ئورۇنلىرىمۇ ۋاقىتلىق خىزمەت توختاتتى، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يولغا چىقىشىغىمۇ چەكلىمىلەر قويۇلدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئارقىمۇ ئارقا كىشىلەرنى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى. نۇرغۇن كىشىلەر مېترو ياكى ۋېلىسپىت بىلەن ئىشقا بېرىشقا باشلىدى، بىراق بۇ تەدبىرلەر يېتەرلىك بولمىدى.
مۇھىت بۇلغىنىشى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ تەھدىت پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ بۇ خىل ھاۋادا ياشانغانلار بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ نەپەس ئېلىشتا ناھايىتى زور قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەردە يۈزىگە ماسكا تاقىمىغان كىشىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن قاچمىدى.
خىتاي دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايدا ئىسسىنىش ئۈچۈن ۋە سانائەتتە كۆمۈر قوللىنىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتايدا قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ، قاتناش ۋاستىلىرىدىن چىقىدىغان گاز مىقدارى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىنمۇ كۆپ. يەنە كېلىپ، خىتاي ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان سەرا گازى مىقدارىدىمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر