غەرق بولۇپ كەتكەن ئىسپانىيە پاراخوتى 300 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى غەرق بولۇپ كەتكەن ئىسپانىيە خەزىنە پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى.
401576
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇان مانۇئال سانتوس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مال - دۇنيا قاچىلانغان ئىسپانىيە پاراخوتنىڭ تېپىلغانلىقىنى جامائەتچىلىككە ئۇقتۇردى.
ئىسپانىيەنىڭ مەزكۇر پاراخوتى 1708- يىلى 8- ئىيۇندا 600 مۇلازىمەتچىسى، 11 مىليون دانە ئالتۇن ۋە جاۋاھىرات بىلەن بىرلىكتە سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پاراخوتنىڭ قالدۇقى ئارىدىن 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تېپىلدى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇان مانۇئال سانتوس پاراخوتنىڭ تېپىلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۇ ئاستىدىن قاچان چىقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.