مۇھەممەد خەلىل ئەلجۇبۇرى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ ئەرەب گۇرۇپپىسى باشلىقى مۇھەممەد خەلىل ئەلجۇبۇرى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
397417
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، جۇبۇرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئەسنادا ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرۇۋاتقان رەپىقىسى ئېغىر يارىلانغان؛ جۇبۇرى بالنىستقا ئېلىنغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، رەپىقىسىنى داۋالاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.