بۇنيامىن نېتانياھۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سىقىپ چىقاردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىدىكى رولىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

395561
بۇنيامىن نېتانياھۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سىقىپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى رولىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا يوليۇرۇق بەردى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېمانۇل ناسون بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ يوليورۇقى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىگە چېتىشلىق پۈتكۈل ئالاقە يوللىرى ئېتىۋېتىلدى. بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە ماللىرىنى ماركىلاش يولىدا تاشلىغان قەدەمىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدۇر.»
ئىسرائىلىيە دۆلەت رادىيوسى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، كۆزدىن كەچۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە پۈتكۈل دىپلوماتىك ئالاقىلەرنى توختىتىپ قويۇشقا يوليۇرۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 11-نويابىردا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى غەيرى رەسمىي تۇرالغۇ رايونلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردا «ئىسرائىلىيە مالى» ماركىسى ئىشلىتىلمەسلىكىنى قارار قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر