تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنى باشقىچە تەرىقىدە چاقىرىلىدۇ

بىريۇسسېلدا بۇ نۆۋەت چاقىرىلىدىغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى باشقىچە تەرىقىدە بولىدۇ..

394930
تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنى باشقىچە تەرىقىدە چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى بۈگۈن بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدۇ.
تۈركىيەگە ۋاكالىتەن باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىشتىراك قىلىدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ياۋروپانىڭ كۆچمەنلەر كىرزىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تەييارلانغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاشنى نىشان قىلىدۇ.
يىغىندا كېڭەش قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئارىسىدا كۆچمەنلەر كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەردىكى مۇقىمسىزلىق ۋە نۇقسانلىق، شۇنداقلا سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ يۈكىنى ئورتاقلىشىش قاتارلىقلارمۇ بار.
ياۋروپانىڭ كۆچمەنلەر كىرزىسىگە قارشى كۈرەشتە ئەنقەرەنىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى بەدىلىگە 3 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە ئىقتىسادىي بۇيۇم ياردەم قىلىش مەسىلىسىمۇ قارار قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ئارىسىدا بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا تۈرك پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە تاموژنا بىرلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كېڭەش قىلىنىدۇ.
كېيىنكى كۈنلەردە بارغانچە ئېشىۋاتقان تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە تېررورىزىمنىڭ ھەر قاندىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىقلارمۇ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئالغان مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئىلگىرىكى تۈركىيە بىلەن چاقىرىلغان ۋە پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ لىدەرلىرىلا قاتناشقان «كىچىك كۆلەملىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى» تەرىقىسىدە بولمايدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «28 ئارتۇق 1» ئەندىزىسىدە چاقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر