رۇسلارنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نېفىت سودىسىغا تۈركىيەنى چېتشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

394093
رۇسلارنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائېشنىڭ نېفىتىغا ۋاستىچىلىك قىلغانلارنىڭ رۇسلار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئامېرىكا غەزىنە مىنىستىرلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ۋە دائېشنىڭ نېفىت سېتىشىدا ۋاستىچىلىك رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشى ۋە ئالتە شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تىزىملىكتىكى جورج ھاسۋانى ۋە ئۇنىڭ شىركىتى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا ۋاستىچىلىك قىلغان.
تىزىملىكتىكى يەنە بىر كىشى مۇدالال خۇرى بولسا، رۇسىيەدىكى « Alliance» بانكىسى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە بەششار ئەسەدنىڭ رۇسىيەدىكى پۇل – مۇئامىلە ۋەكىلى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق قالمۇقيا جۇمھۇرىيىتى ۋە دۇنيا شاھمات فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى قىرسان ئىليۇمىزخۇنوۋ، «Alliance» بانكىسى ۋە خۇرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
مەركىزىي جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە جايلاشقان پرىماكس مەسلىھەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نىكوس نىكولاۋمۇ خۇرىنىڭ شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا 2014 – يىلىمۇ رۇسىيەنىڭ «تېمپ بانكىسى» بىلەن ھۆكۈمەتكە يېقىن بەزى سودىگەرلەرگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئېمبارگو قويغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر