فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىملىق گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيە پارىژ ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ بولالماي تۇرۇپلا، ئىككىنچى بىر گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىگە دۇچ كەلدى.

422014
فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىملىق گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ بېلگىيە چېگراسىغا يېقىن رۇبائىكس رايونىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئوغرىلىق قىلمىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئوغرىلار، بىر بانكا مۇدىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قورال ئاۋازلىرى ئاڭلانغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ئەۋەتىلدى. ساقچىلارنىڭ ئۈچ سائەت داۋام قىلغان تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان بارلىق كىشىلەر ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىندى. ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەر بولسا، نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ئوغرىلىق قىلىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، 13- نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر