مالىدا قوراللىق زوراۋانلار 138 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن مالىدا بىر گۇرۇپپا قوراللىق زوراۋان بىر مېھمانسارايدا 138 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

419854
 مالىدا قوراللىق زوراۋانلار 138 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلارنىڭ ئىنگلىزچە گەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان زوراۋانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 3 ى رەھىنە، ئىككىسى مېھمانساراي مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، جەمئىي 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پايتەخت باكامودا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 10 كىشى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان زوراۋانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغانلاردىن 50 كىشىنى قويۇپ بەردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قويۇپ بېرىلگەنلەر ئارىسىدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى خادىملىرىدىن 6 كىشىمۇ بار بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركلەرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا. گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلار ئارىسىدا فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى Air France نىڭ كۆپلىگەن ئىشچى – خىزمەتچىسى بىلەن 7 خىتاي ساياھەتچىسىمۇ بار ئىكەن.
زوراۋانلار مېھمانسارايغا بېسىپ كىرگەن چاغدا، مېھمانساراي دېگۈدەك ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىمۇ بار ئىكەن.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، پارىژدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
رايونلۇق بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن چادتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم بوباجار كېيتا زىتارىتىنى يېرىپ قالدۇرۇپ، دۆلىتىگە قايتماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر