ياۋروپا: تۈركىيە بىلەن يېڭى باشلىنىشقا قەدەم قويۇشنى خالايمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جوھاننېس ھان تۈركىيە بىلەن «يېڭى بىر باشلىنىش» قا قەدەم تاشلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

367243
ياۋروپا: تۈركىيە بىلەن يېڭى باشلىنىشقا قەدەم قويۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جوھاننېس ھان تۈركىيە بىلەن «يېڭى بىر باشلىنىش» قا قەدەم تاشلاشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئەنقەرە بىلەن توختاپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

ئەنگلىيە مېدىيا ئورگىنى رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھان، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى بىر يۈكسىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، بۇنىڭ يېڭى يىلدىن ئىلگىرى چاقىرىلغۇسى بىر يىغىنىدا ماقۇللىنىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زور كۆلەملىك مۇساپىرلار كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن بىر يىغىن چاقىرىلىشىنى تەكلىپ قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇساپىرلارنى ئۆز زېمىنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشى بەدىلىگە 3 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم، ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە يېڭى سۆھبەت ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر